ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-15
Share

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مالايشىيانى 11 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 15- فېۋرال پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مايكىل كەيۋىي بايانات بېرىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە، «مالايشىيا ھۆكۈمىتى 11 نەپەر ئۇيغۇرنى ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسى تەرىپىدىن رەسمىي تىزىمغا ئېلىنىپ، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇلغىچە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ خىتايدا قېيىن -قىستاققا ۋە قاماق جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۈگۈن يەنە مالايشىيا ئادۋوكاتلار بىرلىكى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى. مەزكۇر بايانات مالايشىيا ئادۋوكاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى جورجى ۋارگۇس تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشتىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «مالايشىيا ھۆكۈمىتى 2011-يىلى ئاۋغۇستتىمۇ مالايشىياغا قېچىپ كەلگەندىن كېيىن ب د ت نىڭ پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىغا مۇراجىئەت قىلىپ بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا قايتۇرۇۋېتىلگەن 11 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. بىز ئادۋوكاتلار بىرلىكى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى ئوخشاش ۋەقەنى قايتا تەكرارلىماسلىققا چاقىرىمىز. . . مالايشىيا ھۆكۈمىتى كەلگەن دۆلىتىگە قايتۇرغان تەقدىردە ئېغىر پالاكەتكە ئۇچرايدىغان بۇ كىشىلەر ئالدىدىكى قانۇنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىنى كۆرمەسلىككە سالماسلىقى كېرەك.»

ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا تايلاندنىڭ مالايشىيا چېگراسىغا يېقىن بىر مۇساپىرلار لاگېرىدىن قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن 11‏ كىشى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى مالايشىيا ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئەش دەسلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار مالايشىيانى خىتاينىڭ تەلىپىگە كۆنمەسلىككە چاقىرغان.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مالايشىيا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئائىت كېلىشىمنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مالايشىيا ئادۋوكاتلار بىرلىكى ئۆز باياناتىدا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى يۇقىرىقى بۇ كېلىشىمنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنىۋالماسلىققا چاقىرغان. ئۇلار، «ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى سىياسىي مەسىلە ۋە ئېتنىك مەسىلە بولغانلىقتىن يۇقىرىقى بۇ كېلىشىم ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قانۇنىي ئاساس بولالمايدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت