مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى مالايشىيادىكى ئىسلامىي گۇرۇھلارنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.07.11

مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتى مالايشىيادىكى بەزى ئىسلامىي گۇرۇھلارنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان.

مالايشىيا «ئىسلامى ئويغىنىش فرونتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى ئەخمەت فارۇق مۇسا 9‏-ئىيۇل «بۈگۈنكى ئەركىن مالايشىيا گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق، باشقا مۇسۇلمانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە، مالايشىيا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكىدىغانلىقىغا سوئال قويغان. مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. يېقىندا تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىپ مالايشىياغا ئۆتكەن 11 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، سوتلاشقا باشلىغان. ئۇلارنى «چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئەخمەت فارۇق مۇسا «ئۇيغۇرلارنى قوغداشنىڭ پەلەستىنلەرنى قوغداشتىن قانداق پەرقى بار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە: «بىز ۋە ھۆكۈمەت دائىم پەلەستىنلىكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىدا ئالدىنقى سەپكە چىقىۋېلىپ، چېمپىيون بولۇشقا ئالدىرىساقمۇ، لېكىن قانداقلارچە ئۇيغۇرلارنىڭ چېكىۋاتقان ئىزتىراپى، دەرد-ئەلىمى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، سوتلىنىشى، تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققىتى ۋە ئۇچراۋاتقان تەن جازالىرىنى ھېس قىلالمايمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنى قوغداش «مالايشىيا ئۆزىنى دائىم كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى، دەپ سۈرەتلەپ كەلگەندەك نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يەنە بىر دىنىي مەجبۇرىيەت» ئىكەن.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىدىن قاچقان بولسا، بۇ خىتاينى رەنجىتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. مالايشىيادىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە يۇقىرىقى 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ سوتىنى 25‏-ئىيۇلغا كېچىكتۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.