مارالبېشىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 22 ئادەم ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.25


ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە 24 - فېۋرال ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 22 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم يارىلانغان. 24 - فېۋرال شۇ يەرنىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 9:30 غا ئاز قالغاندا، ئاقسۇ - قەشقەر تېز سۈرئەتلىك تاش يولىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بۆلۈكىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن.

ئاپتوبۇسنىڭ قايسى يۆلۈنۈشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى، ئاپتوبۇسنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىگە نېمە سەۋەب بولغانلىقى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ مىللىتى، كىملىكى قاتارلىق تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس. خىتاي ئاخباراتى ۋە يەرلىك مەتبۇئاتلاردا، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇۋاتقانلىقى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن باشقا، ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.

قاتناش ۋەقەسى خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ئاخىرلىشىپ، يولۇچىلار قاتنىشى يەنە جىددىيلەشكەن مەزگىلدە يۈز بەردى. مارالبېشىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئىلىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ئېغىر قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ بىرى. كۇچاردا 2008 - يىلى دېكابىردا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە 20 ئادەم ئۆلگەن. شۇ يىلى 8 - ئايدا قىزىلسۇدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 24 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

خىتاي دۇنيادىكى قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى دۆلەت. خىتايدا 2011 - يىلى 62 مىڭ ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن. خىتايدىكى قاتناش ۋەقەلىرىنى كۆپ ھاللاردا شوپۇرلارنىڭ تەجرىبىسىزلىكى، ئاپتوبۇس ياكى ئاپتوموبىلغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ياكى يۈك قاچىلاش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.