كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو شائىر ۋە ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.05.07

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو 7-ماي كۈنى تۋىتتىردا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ ئاتاقلىق ژۇرنالىست ۋە شائىر، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇتنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ماركۇ رۇبىئونىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» ئىكەن.

قۇربان مامۇت 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن 4 يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئىز-دېرىكىنى بەرمىگەن.

دائىرىلەر بۇ يىل رادىيومىزغا ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىغانىدى.

ماركۇ رۇبىئو تۋىتتىردىكى ئۇچۇرىدا «شائىر ۋە ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئۇنى شىنجاڭ قايتا-تەربىيەلەش لاگېرىغا قامىغان 4 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئوغلى بەھرام سىنتاش بىلەن سۆزلىشىپ باقمىدى. بىز بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ماركۇ رۇبىئو بۇ ئۇچۇرنى ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 6-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكىلەرگە تۇتقۇندىكى يازغۇچىلار ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئارقىدىنلا يوللىغان. يىغىندا قۇربان مامۇتنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بەھرام سىنتاش سۆز قىلىپ، خىتايدىن دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.