ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى «Marks & Spencer» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-01-07
Share

ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى «Marks & Spencer» ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

ئەنگىلىيە BBC تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «Marks & Spencer» ئادەتتە پاختىلارنى دۇنيادىكى پاختا تەمىناتىنىڭ سىجىللىقى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىشانى بىلەن قۇرۇلغان «تېخىمۇ ياخشى پاختا ھەرىكىتى» ناملىق خەلقئارالىق ئورگان تەستىقلىغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن تەمىنلەيدىكەن. ئادەتتە ھەر يىلى ئوخشىمىغان تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن 40 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پاختا سېتىۋالىدىكەن.

«تېخىمۇ ياخشى پاختا ھەرىكىتى» ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا قۇل ئەمگىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، «Marks & Spencer» مۇ يۇقىرىقى ئورگان تەستىقلىمىغان پاختالارنى كىرگۈزۈشنى توختاتقان. بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۆزلىرىگە ئوخشاش باشقا خەلقئارالىق ماركىلارنىڭمۇ بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ھەقتە 300 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئورتاق ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياقلاشتۇرۇش» تەشەببۇسنامىسىگە قول قويغان.

«Marks & Spencer» نىڭ يۇقىرىقى بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكىنى مەنبە قىلىۋاتقان پاختا مەھسۇتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار بىرلىكلىرىنى خۇرسەن قىلدى. خەلقئارالىق قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاسمىن ئوكوننور 6-يانۋار كۈنىدىكى باياناتىدا ئەنگىلىيە ماركىسىنىڭ ھەرىكىتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، باشقا خەلقئارالىق ماركىلارنىمۇ ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت