ماۋ زېدوڭنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قاتىل ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «70 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى» نى ھەدەپ تەشۋىق قىلىۋاتقاندا خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭ قوزغىغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» مەزگىلىدە 45 مىليون ئادەمنىڭ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا بۇ ھەقتە كۆپلەپ ماقالىلەر يېزىلىپ بۇنى «ئىنسانىيىەت تارىخىدىكى ئەڭ زور قاتىللىق» دەپ تەنقىدلىدى.

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فرانك دىكوتتېرنىڭ «ماۋ زېدوڭ قوزغىغان زور ئاچارچىلىق» ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە داۋام قىلغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» مەزگىلىدە 45 مىليون خىتاي پۇقراسى ئاچلىقتىن ئۆلگەن. بۇنىڭدا ماۋ زېدوڭنىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيەتتىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا خىتاي ئىقتىسادىغا قوماندانلىق قىلىشتەك ئەجەللىك خاتالىقى تۈپ سەۋەب ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا ماۋ زېدوڭ «پولات-تۆمۈر تاۋلاشتا چوڭ سەكرەپ ئەنگلىيەدىن ئېشىپ كېتىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە پولات-تۆمۈر تاۋلاشنى يولغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق پۈتۈنلەي تاشلىنىپ قالغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋ زېدوڭنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق قەرزلىرىنى يېمەكلىك ئارقىلىق بىراقلا تۆلىۋېتىش ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە ھەقسىز يېمەكلىك ياردەم بېرىش» بۇيرۇقى بۇنىڭدىكى يەنە بىر زور خاتالىق ئىكەن. ئەنە شۇ يوسۇندا پۈتۈن خىتايدا ئاشلىق ئۆكسۈپ قالغان ھەمدە ئاچارچىلىق ھەممە جاينى قاپلىغان.

جورج مېيسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى ئىليا سومىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قاتىل كىم، دەپ سورالسا كىشىلەر ئادولف گىتلېرنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر جوسېف ستالىن، دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. ئەمما ماۋ زېدوڭ تىنچلىق زامانىسىدا ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرگەن ئىنسانلار بۇ ئىككىسى ئۇرۇش مەزگىلىدە قىرىپ تاشلىغان ئادەملەرنىڭ جەمئىي سانىدىنمۇ كۆپ» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت