مايك پومپېيو ۋارشاۋادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.18

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا ئامېرىكىنىڭ مەيلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەر مەسىلىسىدە بولسۇن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىنسا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 13‏-فېۋرال ۋارشاۋادا ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان PBS نىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. مايك پومپېيو ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ بۇ جەرياندا PBS نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ۋە شىمالىي كورېيەگە ئالاقىدار بىر قاتار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئىدى.

پومپېيو ئۇيغۇر مەسىلىسىنى PBS مۇخبىرىنىڭ «ئامېرىكا مىسىر، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئىراندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دېگەن قاراش بار، بۇنى قانداق تەڭشەيسىز» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مەخسۇس تىلغا ئالغان.

ئۇ «بىز شۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ كەلدۇق، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ئۆلچىمىگە، ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق ئەھۋالى قەيەردە كۆرۈلسە كۆرۈلسۇن، ئامېرىكا بۇنى بايقىسىلا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەيلى بىز بۇنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان خىتايدا بايقايلى ياكى ئىراندا بايقايلى ۋە ياكى شىمالى كورېيەدەك باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتتە بايقىغان بولايلى،» دېگەن.

مايك پومپېيو ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنسدىن قالسىلا ئىزچىل تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدا خىتاينىڭ «يۈز مىڭلىغان بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە قورقۇنچلۇق دەرىجىدە خوراۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مايك پومپىيو ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا قارىتا بىرەر كونكرېت جازالاش تەدبىرى ئېلىپ باقمىغان.

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئاۋام پالاتا ئەزالىرى بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، چېن چۈەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.