«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى: «خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ناتسىستلارچە داۋام قىلىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە خىتاينىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بارلىق قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۇرۇپ-چېقىپ بۇزۇپ تاشلىغىنىدەك نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ سۈپۈرۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا نەق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئۇسۇلىدا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ماقالىغا قارىتا تەسىراتىنى بايان قىلغان بىر قىسىم ئىنكاسچىلار بۈگۈنكى خىتاينى ئەينى چاغدىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشاتقان. ئاماندا مونات ئىسىملىك بىر ئىنكاسچىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېتلىرمۇ ئەينى چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ بارلىق مەنىۋى مىراسلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى پەقەتلا مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنغان، ھەتتا ئۇ بىر قېتىملىق سۆزىدە مەدەنىيەتكە قارىتا ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى يەھۇدىلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ۋە ئىزىنى قويماسلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارا بايان قىلغان. تارىختىكى بۇ قارا داغنىڭ تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان ئاماندا خىتاي پۈتۈن بىر خەلقنى يوقىتىۋېتىشنىڭ ئالدىدا ب د ت نى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوگلاس لىۋەن ئىسىملىك يەنە بىر ئىنكاسچى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى پەقەت كۆرگەزمە بۇيۇمى ئورنىدا ئىشلىتىشنى خالايدىغانلىقى، شۇڭا تۈرلۈك مۇراسىملاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە رەڭدار كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قويۇش ۋە ئۇلارنى ناخشا-ئۇسسۇلغا سېلىپ قويۇش بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قىلچىمۇ ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئىشارەتلىگەن. جۇستىن مارى ئىسىملىك يەنە بىر ئىنكاسچى خىتاينىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ دەۋرلەر ئارا بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىش تارىخى ئىكەنلىكى، كەلگۈسىدە خىتاي كومپارتىيەسى يىقىلىش بىلەن بىۋ ۋاقىتتا ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلىنىڭمۇ چېقىلىدىغانلىقى، بۈگۈن خىتاي چېقىۋاتقانلارنىڭ ئۇ چاغدا قايتا تىكلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت