سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.02.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

شەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 15 ئادەم ئۆلگەن، 130 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بىر قانچە سائەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئاخىرى ئوتنى كونترول قىلغان.

«ئەل - ئارابىيا»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەر خىل مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئاساسلىقى تۈركىيە ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر ئىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بالىلارمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر دەرھال مېھمانخانىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان. نۆۋەتتە، بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.

بۇ مېھمانخانىدا 700 ئەتراپىدا ئادەم تۇرغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت