«مېڭە يۇيۇش تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى سوتلانغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.11.02

«خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىسى ۋە يازغۇچىسى فۇ جىبېن 30-ئۆكتەبىر كۈنى نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن يازغۇچى فۇ جىبېن ئۆتكەن يىلى تەيۋەندە «مېڭە يۇيۇش تارىخى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتاب خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سېتىلغاندىن كېيىن زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان.

ئۆتكەن يىلى 30-سېنتەبىر كۈنى ئۇ «قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى» بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئارىدىن بىر يىل بىر ئاي ئۆتكەندە سوتلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى جازا ھۆكۈمى تېخى ئېلان قىلىنمىغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ ئاز دېگەندە 5 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن.

ئاپتورنىڭ مەزكۇر كىتابقا يازغان كىرىش سۆزىگە ئاساسلانغاندا، «مېڭە يۇيۇش تارىخى» ناملىق بۇ كىتاب تۇنجى قېتىم خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك مەزگىلدە خىتاي خەلقىنىڭ مېڭىسىنىڭ قانداق يۇيۇلغانلىقى ھەققىدە دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.