ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ يۇرتى-ئوپال يېزىسى ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.03.04

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ -مارت كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال بازىرى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى سۈي جيۇشيۇنىڭ بۇ بازارنى قانداق قىلىپ «مەدەنىيەت بازىرى» غا ئايلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

سۈي جيۇشيۇ 2014-يىل شەندۇڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا كوناشەھەرگە كېلىپ خىزمەت قىلغان، ئوپال بازىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن بۇ جاينى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە پارتىيە سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان مۇھىم جايغا ئايلاندۇرغان. بۇ تۆھپىلىرى بىلەن ئۇ خەلق ۋەكىلى سۈپىتىدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئىككى يىغىن» غا قاتناشقان ۋە مۇخبىرلارغا ئوپال «مەدەنىيەت بازىرى» نى تونۇشتۇرغان ھەمدە ئوپالدىكى خەلقنى ماددىي جەھەتتىن باي قىلىپلا قالماي، مەنىۋى جەھەتتىنمۇ ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوپال بازىرى قەشقەر شەھىرىگە بىر يېرىم سائەتلىك يول بولۇپ، پامىر تاغلىرىغا ساياھەتكە بارماقچى بولغانلار مۇشۇ يولدىن ئۆتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئوپال يېزىسى ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ۋە مەقبەرىسى جايلاشقان ماكاندۇر. خىتاي سېكرىتارىنىڭ ئوپال بازىرىنى «مەدەنىيەت بازىرى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆز جايىدا كۆمۈپ تاشلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم زىيارەتگاھلىرىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. ھەتتا ئۇنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتىگە ئائىت ئورۇننىڭ سۈرىتىدە بىرمۇ ئۇيغۇرچە خەت كۆرۈلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.