بوب مەنەندىز ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى
2020.03.11
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى سېناتور بوب مەنەندىز ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى سېناتور بوب مەنەندىز سودا مىنىستىرى ۋىلبىر روسقا يازغان خېتىدە «ئالما»، «كىرافىت خەينىز»، «كوكا-كولا» ۋە «گەپ» قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىدىن ئىبارەت بۇ قىلمىشقا شېرىك بولغانلىقتۇر،» دەپ تەكىتلىدى.
مەنەندىز ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «قورقۇنچلۇق» مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋەزىيىتىنى قەستەن بىلمەسلىككە سېلىۋېلىشىنى ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ۋە مۇشتەرىلىرىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بوب مەنەندىز ئامېرىكا دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان سېناتورلارنىڭ بىرىدۇر. بوب مەنەندىز تۇنجى قېتىم لاگېرلارنى «يېغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىغان ئىدى.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2017-2019-يىللىرى ئارىسىدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكەپ كەتكەن ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە لاگېرلاردىن ئېلىپ كېتىلگەن. مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنى دۇنيا مىقياسى بويىچە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسىگە چېتىلىپ قالغان جەمئىي 83 خەلقئارالىق ماركىنى ئېنىقلاپ چىققان.