ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى زادى قانچىلىك؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-01-06
Share

ئۆتكەن يىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك توغرۇلۇق بەرگەن دوكلاتىدا، «مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقانلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 570 مىڭدىن ئاشىدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر رايوندىكى ئومۇمىي ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلىقى پەرەز قىلىنغانىدى.

5-يانۋار ئامېرىكانىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «ئاكسىيوس» (Axios) تورىدا «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى بىز بىلگەندىنمۇ كەڭ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشچە، خىتاي دائىرلىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ قورشاۋ تېمى ئىچىدە چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلارنى قۇرغان ھەمدە 3 يىلدىن بۇيان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى پاختىزارلىقلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مال تەمىنلەش ھالقىسىنىڭ ئەڭ پايدا تاپىدىغان تۈرلىرىگە ئايلانغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› شوئارى ئاستىدا ئىش مەيدانلىرىغا توپ-توپ ئەۋەتكەن. ئەمگەكچىلەرنى خالىغان يەرگە يۆتكەش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان».

«بازفىد» (Buzzfeed) تورى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 100 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى لاگېرلار بولۇپ، ئىچىدىكى زاۋۇتلارنىڭ كۆلىمى 21 مىليون كۇۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن. بۇ زاۋۇتلارنىڭ يېنىغا 1500 دىن ئارتۇق شىركەت جايلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە ئونلىغان شىركەت چەت ئەللەرگە مال ئېكسپورت قىلىدىكەن.

يۇقىرىقى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكتە. ئەمما تاكى بۈگۈنگىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەر ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئويۇنغا قويۇپ كەلمەكتە.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت