خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىملىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-01-07
Share

قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان خىتاي تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت كىيىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان 2000 يۈرۈشتىن ئارتۇق تەنھەرىكەت كىيىمى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان خىتاي كوماندىسىغا يەتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسى ۋە تۆگە يۇڭلىرى بىلەن تىكىلگەن بىر يۈرۈش قىشلىق كىيىم-كېچەكلەرنى ئالتاينىڭ قابا ناھىيەسىگە جايلاشقان «ياجۇ توقۇمىچىلىق شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئۇلار تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ قار تېيىلىش كىيىمى، پەلەي، باش كىيىمى ۋە قۇلاقچا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىماي خىتايدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلىشى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كىيىملىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرگە زاكاز قىلىنغانلىقى ئاشكارىلىنىپ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانىدى. خىتاي تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كىيىملىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە تەنھەرىكەت كىيىملىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى قىشلىق تەنتەربىيە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىسەي مەخسۇس سۆز قىلىپ، بۇ تەنھەرىكەت كىيىملىرى رايوننىڭ «مەھسۇلات پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى» نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ تەرىپلىگەن.

ئۇيغۇر رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بولسا: «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلىرىمىزنىڭ قىشلىق كىيىم-كېچىكىنىڭ شىنجاڭ پاختىسى ۋە تۆگە يۇڭى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىشى بىزدىكى خام ئەشيانىڭ سۈپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە بۇ تەنھەرىكەت كىيىملىرى «شىنجاڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قوشقان تۆھپىسى» دېگەن.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئاقلاش تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىشنى باشلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋستىرالىيەمۇ خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبلىك دىپلوماتىك بايقۇتقا قاتناشقان.

7-يانۋار كۈنى بولسا، شىمالىي كورېيە خىتايغا رەسمىي مەكتۇپ يوللاپ شىمالىي كورېيەنىڭ بەزى «دۈشمەن كۈچلەر» سەۋەبىدىن ۋە «كوۋىد-19» ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ دىپلوماتلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقى ياكى تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ياپونىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت