ئولىۋىيا ئېنوس: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى›نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلدى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022-01-12
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىردەك ماقۇللاپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ھەرقانداق تاۋارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئالتە ئاي ۋاقىت مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا بولۇش باسقۇچىغا ئۆتۈشىدە بەكمۇ ھالقىلىق رول ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار «مىراس» فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە تەپسىلىي شەرھىلەندى.

11-يانۋار كۈنى «فوربېس» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بۇ ماقالىدا ئولىۋىيا ئېنوس مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقى بىر زور غەلىبە ھېسابلانسىمۇ بۇنىڭ ئىجرا بولۇش مۇساپىسىدىكى قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە نۇقتىلىق قىلىپ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىنكى بىرنەچچە سۈرۈك مۇددىتىنىڭ مۇھىملىقىنى رەتكە تىزىپ چىقىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن «ئامېرىكا-مېكىسىكا-كانادا چېگرا كېلىشىمى» گە قوشۇمچە بەرپا قىلىنغان «مەجبۇرىي ئەمگەك ئىجرائىيەت كۈچلىرى» نامىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى 30 كۈن ئىچىدە «فېدېراتسىيە تىزىمى» غا بۇ قانۇن توغرىسىدا ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەلەپنى يوللىشى لازىم ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى بولغان «فېدېراتسىيە تىزىمى» مۇ مۇشۇ تەلەپ بويىچە ئامما بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى بايان قىلالايدىغان بىر سەھىپە ئاجرىتىدىكەن.

ئىككىنچىدىن، ئاممىۋى پىكىر سەھىپىسى ھەققىدىكى تەلەپ تاپشۇرۇلۇپ 45 كۈن ئىچىدە قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قانداق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ئېچىشى لازىم ئىكەن. بۇ گۇۋاھلىقتا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى قانداق نازارەت قىلىش ھەققىدىكى ئەڭ ياخشى تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئۈچىنچىدىن، مەزكۇر قانۇندىكى ماددىلار بويىچە، قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى جەزمەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن ھەرقانداق تاۋارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇشقا كېپىللىك قىلىشى لازىم ئىكەن. بۇنىڭدا ئاشۇ خىل تاۋارلارنى ئىشلىگەن شەخسلەر ياكى شىركەتلەرگە جازا بېرىشمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىكەن.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن تاۋارلارنىڭ دائىرىسىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا چەكلەش، دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئە ۋە تاموژنا ئىدارىسىنى ئ‍ۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا بۇ ئىدارىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مالىيە خامچوتىنى ئاشۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىمۇ دىققەتتىن ساقىت قىلماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نىڭ ماقۇللىنىشى بىرىنچى قەدەمنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجرا بولۇش باسقۇچىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك كۆپلىگەن قەدەملەر ئورۇنلىنىشى لازىم ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت