ئامېرىكالىق سودا مۇتەخەسسىلىرى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022-01-20
Share

ئامېرىكادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈندىلىك خەۋەر ئانالىزلىرى ۋە تەھلىللىرى ئېلان قىلىنىدىغان كەسپىي تور بەتلەردىن «JD Supra» ناملىق تور بەتتە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكا شىركەتلىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قالماسلىققا چاقىرىلغان.

«‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئامېرىكا كارخانىلىرىغا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە بېسىم چۈشۈرىدۇ» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ئانالىز ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان بۇ قانۇن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدىكەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئالاقىسى بار شىركەتلەرنى جازالىنىش خەۋپى بىلەن يۈزلەشتۈرىدىكەن.

بولۇپمۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ئامېرىكا شىركەتلىرى، جۈملىدىن قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتى قاتارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك ئېھتىماللىقى يۈكسەك ساھەلەردە تىجارەت قىلىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى بۇ قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە بىۋاستە ئۇچرايدىكەن.

شۇڭا بۇ ئانالىز ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ قۇياش ئېنىرگىيە ۋە توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى شىركەتلىرىگە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئەستايىدىل كۆزىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرھال تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئامېرىكا سىياسىتىدىكى ئىككى پارتىيە ئورتاقلىشالىغان ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بىر ساھە. شۇڭا ئالدىمىزدا يەنە تېخىمۇ كۆپ جازا ۋە سودا تەدبىرلىرى ھەر ۋاقىت ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. يېڭى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئامېرىكا كارخانىلىرى دىققەت قىلىشى كېرەك. شىركەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىشچىلار ھوقۇقى ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت