خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيەنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ياسالغان تاۋارلارنى چەكلەشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-09
Share

8-فېۋرال كۈنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە ۋە سودا قانۇن كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيە دىرېكتورى ئېلىئىن پېرسون باياناتتا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بار. ئاۋسترالىيە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان ئىمپورت تاۋارلىرىنى توختىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشى كېرەك».

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئاۋسترالىيە پارلامېنت كومىتېتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى رېكىس پاترىك تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى كۆرۈپ چىقىۋاتقانىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى يۇقىرى رايون قىلىپ بېكىتىشى، ھەمدە شىنجاڭدىن كىرگەن تەييار مەھسۇلاتلار ياكى ئۇ يەردىكى خام ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ھەممىسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقىدىن ئىبارەت پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.»

ئۇلار يەنە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرلىقىنى ئاۋستىرالىيەدىكى سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سودا قىلىشنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە شىركەتلەرنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەر بىلەن تىجارەت قىلماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇشقا چاقىرغان.

يېقىندا، ئامېرىكا ئىمپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغان بارلىق پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەنىدى. ئامېرىكا يەنە ئامېرىكالىق ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن رايوندىن ئىمپورت قىلىنغان ھەر قانداق تاۋارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي تەمىنلەش زەنجىرىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش باسقۇچىدا تۇرماقتا. 2021-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيە ۋە كانادا ئۆز كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشى ۋە ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت