ياپونىيەنىڭ 12 چوڭ شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق سودىسىنى ئاياغلاشتۇرماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-02-22
Share

«ياپونىيە ۋاقتى» تورىنىڭ 22-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەنىڭ 12 چوڭ شىركىتى بىر بەلگىلىمە تۈزگەن بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە ئارقىلىق خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالىدىغان شىركەتلىرى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزمەكچى ئىكەن.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىن كىرگۈزۈلىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا بۇيۇملارغا چەكلىمە قويغاندىن كېيىن، ياپونىيە كارخانىلىرىمۇ بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە پايدا تاپىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ غەزىپىدىن ئەنسىرەپ، بۇ مەسىلىدە ئىزچىل پاسسىپ بولۇپ كەلگەچكە خىتايغا قارشى تەدبىر قوللانمىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلىنىپ كەلگەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىل ئېلان قىلغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 82 چوڭ شىركەت ئىچىدە ياپونىيەنىڭ 14 شىركىتى مەلۇم بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پاناسونىك، توشىبا، سونى، خىتاچى قاتارلىق 12 شىركەت بەلگىلىمە تۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولىدىغان سودىسىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ بەزى شىركەتلەر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ئېنىقلانغان تەقدىردە ئاندىن ئۇن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت