ئولىۋىيا ئېنوس: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا ئامېرىكا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ‍ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» مەسىلىسىگە تېخىمۇ قاتتىق ۋە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكادىكى «مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوسنىڭ 23-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسى مۇشۇ خىل چۇقانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىدىن مىسال ئالغان ھالدا نۆۋەتتە 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ «قايتا تەربىيىلەش» نامىدىكى لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ماقالىدا ئولىۋىيا ئېنوس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «ئەمگەك ئارقىلىق تەربىيەلەش» شەكلىدىكى زورلۇق تەدبىرلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەتبىقلاش قىلمىشىنى ئەيىبلەپ: «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۇزۇندىن بۇيان مەلۇم بولۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى بۇ ھادىسىنىڭ مەڭگۈ تۈگىمەس بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك ھازىر ئاز دېگەندىمۇ خىتايدىكى 27 زاۋۇتتا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە 83 خىل ماركىدا ئىشلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ دەل مۇشۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ۋۇجۇد كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئولىۋىيانىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئەمگەك ئارقىلىق تەربىيەلەش» مېخانىزمى ئارقىلىق ئاللىقاچان تولۇق كەسپىي تەربىيە مائارىپىغا ئىگە بولۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنى جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە كۆپلەپ ‍ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمدىلىكتە بۇ ھادىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈلۈشى بولسا خىتايدىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولۇۋاتقان زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلىش ھەمدە ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدىكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكانىڭ تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە خادىملىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارنى بايقىغان. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ «ئەگەر مۇشۇ ئەھۋال داۋام قىلىۋەرسە خىتايدىكى زۇلۇمغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ شېرىك بولۇپ قالغان بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل رېئاللىق ئالدىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىشتىن چەكلەش، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تېخىمۇ قاتتىق بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت