كانادادىكى بىر ئالتۇن شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.03.27

كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىدىكى كارخانا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئورگىنى ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى «سەلتەنەت ئالتۇن شىركىتى» (Dynasty Gold Corp) نى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويغان دەپ قارىغان.

«كانادا رادىيو شىركىتى» (CBC) 26-مارت كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردىكى تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى بۇ ئالتۇن شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالتۇن كانلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يول قويغان دەپ ئەيىبلەنگەن. ئارقىدىن مەزكۇر شىركەت بۇنى ئىنكار قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئۇ رايوندىكى ئالتۇن ئېچىش تۈرىدىن قول ئۈزگەنلىكىنى، بۇنداق ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، كارخانا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ تەپتىشى شېرى مىيىرخۇففېر (Sheri Meyerhoffer) «سەلتەنەت ئالتۇن شىركىتى» نىڭ خىتاي بىلەن ئالتۇن كان قىدىرىش ۋە قېزىش تۈرى بويىچە توختام ئىمزالىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كانلاردىن تاپقان پايدىغا شېرىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن ئورتاق كونترول قىلىۋاتقان پايغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەپتىش مىيىرخۇففېر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خالىغانچە ئادەم تۇتۇپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىپ، ئارقىدىن ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس بولۇپ، بۇ قېتىم كانادا ھۆكۈمىتىگە «سەلتەنەت ئالتۇن شىركىتى» نى تاشقى سودا مۇلازىمىتى ۋە مالىيە ياردىمىدىن چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.