ئەنگىلىيەدىكى بىر نازارەت قىلىش ئورگىنى خىتايدىكى كامېرا ياسايدىغان شىركەتتىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-04-15
Share

لاگېر شاھىدى ئوۋالبېك تۇرداخۇن 13-ئاپرېل كۈنى بەرگەن گۇۋاھلىقىدا خىتاي تۈرمىلىرىگە ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ھەممىسى Hikvision ماركىلىق كامېرالار ئىكەنلىكى، مەھبۇسلارنى 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. بۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرالار ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تەقىپ-قامال ئاستىغا ئېلىپ، زامانىۋى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى تېخىمۇ ئايان بولغانىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەنگىلىيەدىكى بىر نازارەت قىلىش ئورگىنى خىتاينىڭ داخۇا شىركىتىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتى بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈرگەن.

«بىئومېترىك» (بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر) تورىنىڭ 14-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگىلىيە بىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كومىسسارى فراسېر سامپسون (Fraser Sampson) 11-ئاپرېل كۈنى داخۇا شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورىغا خەت يېزىپ، بۇ شىركەت ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ خەتتە، داخۇا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، يەنى مىليوندىن كۆپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ داخۇا شىركىتى تەمىنلىگەن چىراي تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كامېرالار ئارقىلىق تەقىپ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

فراسېر سامپسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى داخۇا شىركىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىپ ۋە نازارەتكە يانتاياق بولۇپ، ساقچىلارغا بىئو-ئىقتىدارلىق كامېرا ۋە يۇمشاق دېتال تەمىنلەپ بەرگەنلىكى، ئەنگىلىيەگە تەمىنلىگەن كامېرلىرىنىڭمۇ ئەنگىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت