ئافزال خان ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى قۇياش ئېنىرگىيەسىنى كېڭەيتكەندە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يوقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن بۇلغانمىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىلغان.
ئەنگىلىيەنىڭ «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ئافزال خان پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە، قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارىيەسى پولىسسىكوننىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەمىنلىنىشىنىڭ 45 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىنى كېڭەيتىش پىلانىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن بۇلغىنىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن چوڭ،» دەپ ئەسكەرتكەن.
ئافزال خان ئاۋام پالاتاسىنى بارلىق «كۈچلۈك تەدبىرلەر» نى ئىشقا سېلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ ھەرقانداق ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمغا چېتىلىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئەنگىلىيە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنىرگىيەنى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق تەمىنلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پىلان خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىدىكەن.
ئەنگىلىيە پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ قۇياش ئېنىرگىيە تېخنىكىسى كىرگۈزۈش پىلانىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بۇلغىنىشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.