ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يەنە ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى
2021.06.04
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق ھۆكۈمەت 3-ئىيۇن بېيجىڭدا 10-قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يەنە ئىنكار قىلغان. دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى پۈتۈنلەي تۆھمەت» ئىكەن. ئىككى سائەت داۋاملاشقان يىغىنغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئاتالمىش سانائەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كىشى قاتناشقان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ھۇجۇم نىشانى ئامېرىكاغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۇي گۇيشياڭ مەجبۇرىي ئەمگەك «غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر ئويناۋاتقان كوزېر» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا دائىرىلەر مۇخبىرلارغا ئاقسۇدىكى «خۇافۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى» نىڭ ئىشچىسى ئەكبەر تۇراخۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ۋېدىيوسىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان. «خۇافۇ توقۇمىچىلىق شېركىتى» ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
شۇ گۇيشياڭ، ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ رايوننى زىيارەت قىلىپ، «ھەقىقى ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق «شىنجاڭدا مەۋجۇت بولمىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىشىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىزچىل ئالدىنقى شەرت قويۇپ كەلدى. ئۆتكەن قېتىم ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.









