ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ «يارا ئېغىزى» بولۇپ قالماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

نۆۋەتتە بارغانسېرى يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدىكى باش تېما ئۇيغۇر دىيارىدىكى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» دەپ ئاتىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 6-ئىيۇندىكى ئوبزورىدا بۇ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتىكەن. 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق بۇيۇمنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى مەنئى قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل چەكلىمە تاكى شۇ مەھسۇلات مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگۈچە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن دۇنيادىكى ئىككى زور ئىقتىساد ساھىبى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ھەمدە بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بۇ «يارا ئېغىزى» نۆۋەتتە كۆپلىگەن تەرەپلەرنى بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا ياكى خىتاينىڭ بىرىنى تاللاشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە بەزى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاي بىلەن تېخىمۇ چەمبەرچەس ھالدا بىر گەۋدىلەشتۈرىۋېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋە قاتتىق قوللۇق ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن ئەۋەتىلگەن پارتىيە سېكرېتارى ما شىڭرۇينىڭ «يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلەشتۈرۈش»، «ئەمگەك كۈچى مۇجەسسەملەشكەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش» قاتارلىق لايىھىلىرى ئەمەلىيەتتە رايون مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ تېخىمۇ يۇغۇرى پەللىگە چىقىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتىكەن.

ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو 6-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا ئوچۇق مەكتۇپ يوللاپ 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قەتئىيلىك بىلەن يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسى ئىمزا قويغان بۇ ئوچۇق خەتتە: «بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ھامان شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى مەنئى قىلىشى لازىم. بۇ ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ھېچقاچان بۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىققا ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشى لازىم» دېيىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت