ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى مىشېل باچېلېتنى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.06.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئالدىنقى ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتى ئومۇميۈزلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر بىرلەشمە ئۆز تور بېتىدە بەرگەن باياناتىدا، مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى زامانىۋى قۇللۇققا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئىسپاتلارنى بۇ دوكلاتقا كىرگۈزۈشكە، شۇ ئارقىلىق نۇرغۇن شىركەتلەرگە بۇ قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئۈندەيدىغان تەكلىپلەرنى بېرىشكە دەۋەت قىلغان.

بۇ باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە كۈچلۈك دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىمۇ بۇ مەسىلىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، جۈملىدىن خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا شېرىك بولغانلىقى توغرۇلۇق مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ مىشېل باچېلېتقا سۇنغان ۋە ئۇنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشنى ئاشكارا ئەيىبلەشكە چاقىرغان.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، دۇنيادىكى پاختىنىڭ 20 پىرسەنتى، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ 45 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىكەن ۋە بۇ مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەن.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى مىشېل باچېلېتنى ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى، جۈملىدىن قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىسپاتلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، كۆپلىگەن ئورگانلار، ھۆكۈمەتلەر ۋە كارخانا ئورۇنلىرىنى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كرىزىسىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ئۈندىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت