ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت بايدېندىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكانىڭ 4 نەپەر نۇپۇزلىق جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى كېڭەش ھەم ئاۋام پالاتا ئەزاسى پرېزىدېنت بايدېنغا خەت يېزىپ، بۇ ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«فىلورىدا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 9-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، پالاتا ئەزالىرى خېتىدە، «پارتىيەلەر ھالقىغان بۇ قانۇننى ش ئۇ ئا ر نىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بارلىق ئورۇنلارنى نىشانلاپ، قاتتىق ئىجرا قىلىش، ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم بولۇپ قالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك، خىتاي كومپارتىيەسى ش ئۇ ئا ر دىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ھۆججەتلەشكەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. سىزنىڭ مەمۇرىيىتىڭىز، شۇنداقلا بۇرۇنقى مەمۇرىيەتمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نازارەت ۋە قاماش سىستېمىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تىنچلىق بىلەن ئادا قىلىشىنى رەت قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە ئاياللارنى تۇغماس قىلىشنى ھەقلىق رەۋىشتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدۇ، دەپ بېكىتتى.»

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىيو، جېف مېركلېي، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرستوفېر سىمىس ۋە جېيمىس مەكگوۋېرن قاتارلىقلار يوللىغان بۇ خەتتە يەنە، «دۆلەت مەجلىسىنىڭ پارتىيە ھالقىغان ئاساستا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ماقۇللاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايىتىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قانۇننى چىقارغۇچىلار بولۇش سۈپىتىدە نۆۋەتتىكى مەمۇرىيەتنىڭ بۇ قانۇننى تولۇق يولغا قويۇپ، ئامېرىكانىڭ زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىدە يەر شارى رەھبەرلىك رولىنى نامايەن قىلىشى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ زوراۋانلىقتىن پايدا ئېلىشىنى ۋە ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.