ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان PVC پول تاختىيىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلىننا كىدىنىي مەركىزى يېقىندا بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكادىكى چوڭ تىپلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكانلىرىدا سېتىلىدىغان كۆپ قېتىشمىلىق پولىۋاينال، يەنى PVC پلاستىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ مەركەزنىڭ «باستۇرۇش ئۈستىگە ياسالغان قۇرۇلۇش» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى يېقىنقى يىللاردا دۇنيادىكى PVC پلاستىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ رايونغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى PVC پلاستىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.

لېكىن دوكلاتتا، رايوندىكى بارلىق PVC مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ كەلگەنلىكى، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى 73 ۋاسىتىچى كارخانىغا ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى، ئ‍ۇلارنىڭ PVC ئاساسىدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى دۇنيادىكى كەم دېگەندە 158 شىركەتكە ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بۇ كارخانىلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «شىنجاڭ جوڭتەي خىمىيە شىركىتى» بىلەن «شىنجاڭ تيەنيې شىركىتى» ئۆي مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىكەن.

دوكلاتتا، «شىنجاڭ جوڭتەي خىمىيە شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ۋىيېتنامدىكى بىر كارخانىغا ئېكسپورت قىلىپ، ئۇ يەردە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن پلاستىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكادىكى چوڭ تىپلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى دۇكانلىرى سېتىلىۋاتقانلىقىى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار «شىنجاڭ جوڭتەي شىركىتى» نىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنى بايقىغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ مەزكۇر مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسى دائىرىسىدە 5500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەتكەنلىكى، جوڭتەي شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپلا قالماي، مۇھىتنىمۇ بۇلغاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.