ئاۋسترالىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقىي ئىشلار، دۆلەت مۇداپىيە ۋە سودا كومىتېتى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەۋسىيە قىلغان. «سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتىكى يېڭى قانۇن لايىھەسى ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەن.
خەۋەردە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەۋسىيەسى ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا قارشى تەدبىر ئېلىشىغا بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقى، تەۋسىيەگە ئاساسەن ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ خىتايدىن ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق پويىز زاپچسلىرىنى سېتىۋېلىش سودىسىنىڭمۇ تەكشۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كومىتېت ئادەتتە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان «شنجاڭ پاختىسى» چەكلەش تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. كومىتېت يەنە «خىتاي دىكتاتۇرلىقى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار دۇچار بولغان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا يەنە «ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ ئاۋسترالىيە كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنىڭ بۇ خىل قورقۇنۇچلۇق خورلاشقا شېرىك بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار،» دەپ تەكىتلىگەن.