ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى خىتايدىكى ماشىنا باتارىيەسى ساھەسىدىمۇ بايقالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «زامانىۋى قۇللار» غا ئايلاندۇرۇشىدىكى يەنە بىر ساھەنىڭ خىتايدىكى باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ئىكەنلىكى يېقىندا ئاشكارىلاندى.

«نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21-ئىيۇندىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار خىتاي ئېكسپورت قىلىۋاتقان تۈرلۈك باتارىيەلەرنىڭ زور دەرىجىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بازىرىدىكى تەكرار زەرەتلەشكە (توك قاچىلاشقا) بولىدىغان باتارېيە (lithium ion batteries) لەرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 75 پىرسەنتى خىتايدىن كېلىدىكەن. بۇ خىل باتارىيەلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر ۋە تېلېفون قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن تارتىپ ھازىر بارغانسېرى ئاساسىي ئېقىمغا يۈزلىنىۋاتقان باتارېيە بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان تۈرلۈك ئاپتوموبىللارغا سەپلىنىدىكەن. ھالبۇكى بۇنىڭغا كېرەكلىك كۆپلىگەن مىنېرال ماددىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىن قېزىلىدىكەن.

بۇ جەھەتتە «شىنجاڭ رەڭلىك مېتال قېزىش گۇرۇھى» قاتارلىق بىر قىسىم زور شىركەتلەر بۇ جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ خام ئەشيا ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ خىل كان بايلىقلىرىنى قېزىشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۈزلەپ-مىڭلاپ ئىشچىلىققا قوبۇل قىلماقتىكەن. بۇ ئىشچىلار قوشۇنى بولسا «پارتىيەنى ۋە دۆلەتنى سۆيۈش» دېگەندەك «ئىنقىلابىي» سۆزلەر يېزىلغان بايراقلار ئالدىدا قەسەم بېرىپ خەتەرلىك ۋە سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بولغان كانلاردا كان قېزىشقا يولغا چىقماقتىكەن. ھالبۇكى بۇ خىل ئىشچىلار قوشۇنىنىڭ «يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار» تەشكىللىگەن «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سەپەرۋەرلىكىگە قارشى چىقىش شارائىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكى، قارشىلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ ئېغىر «جازا» غا تەييار بولۇشى كېرەكلىكى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ساھەلەر كۆپلەپ مەلۇم بولغان بولسىمۇ، باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تاشقى دۇنياغا نامەلۇم بولۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پارتىيە سېكرېتارى بولغان ما شىڭرۇي بولسا تېخى يېقىندىلا رەڭلىك مېتال ساھەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە «يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتمە بەرگەنىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تام سۋازى (Thomas R. Suozzi) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ؛ «ئەڭ ئەقەللىي بولغان كىشىلىك ھوقۇققىمۇ ھۆرمەت قىلالمىغان بىر دۆلەت بىلەن بولغان سودىنى قانداقمۇ داۋاملاشتۇرغىلى بولسۇن؟» دېگەن.

ھالبۇكى، دۇنيانىڭ باتارېيە ئېھتىياجى غايەت زور دەرىجىدە خىتايغا تايىنىپ قېلىشتەك چوڭ مەنزىرە نۆۋەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش خىزمىتىگە ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت