ئانتونى بلېنكىن گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مەنپەئەت ئالماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-23
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلېنكىن چارشەنبە كۈنى (23-ئىيۇن) گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغاندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇپ بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مەنپەئەت ئالماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەممىمىز ئۆزىمىز ئادا قىلالايدىغان مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن مەھسۇلاتلانى دۆلىتىمىزگە كىرگۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم».

گېرمانىيەنىڭ ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتايدىكى سودىسى چوڭ بولۇپ، ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەسىلىسىنى ئېتىۋارغا ئالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانىدى.

RFI رادىيوسى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن بېرلىننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن پارىژ ۋە رىمدا زىيارەتتە بولىدىكەن، ئاندىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىتالىيەدە ئېچىلىدىغان «20 دۆلەت گۇرۇھى» تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن؛ بۇ يىغىنغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ كۆرۈشىدىغان-كۆرۈشمەيدىغانلىقى تېخى ئېلان قىلىنمىغان.

بۇ قېتىم ياۋروپادا ئېچىلغان «7 دۆلەت ئىتتىپاقى» دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونى ۋە خوڭ كوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى قاتتىق ئەيبلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن يەنە ناتو بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا بىرلىككە كەلگەنىدى. كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت جوۋ بايدىننىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا سەپىرىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بىرىنچى رەقىب خىتايغا بىرلىكتە كۈچ كۆرسىتىش ئۈچۈن بولسا، ئانتونى بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىملىق دىپلوماتىيە سەپىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى تېخىمۇ يېنىغا تارتىپ، خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت