ئامېرىكا ۋە «7 دۆلەت» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئەيىبلىشى خىتايغا زەربە بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 21-ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ كۈندىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا بۇ قانۇن لايىھەسىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى داۋام قىلدۇرۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە زور سالماقنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا نامايان قىلدى.

25-كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە مەسئۇل ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربىي (John Kirby) ئەپەندى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G7) ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە: «بىز نۆۋەتتە كەڭ كۆلەم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قىلمىشقا تېزدىن خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەنىدى.

26-كۈنى گېرمانىيەدە باشلانغان «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى يەنە بىر قېتىم مۇھىم مەسىلە قاتارىدا تىلغا ئېلىندى ۋە يىغىننىڭ قارارنامىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەزكۇر قاراردا مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. شۇنداقلا دۇنياۋى قىممەت قاراشلىرىنى داۋاملىق ھىمايە قىلىمىز. ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينى بۇ ھەقلەرگە ۋە ئەركىنلىك پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. نۆۋەتتە تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرى بىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەندىشىمىز بولۇپ قالماقتا.»

27-ئىيۇن كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭدەك: «دۆلىتىمىزدە ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس. ئەكسىچە مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكا تۇپرىقىدا داۋام قىلماقتا» دېگەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جاۋ لىجيەن سۆزىدە ئامېرىكا تارىخىدىكى ئافرىقىدىن قۇل يۆتكەش ھادىسىلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق «مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ھەرقايسى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ھازىرمۇ بار» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاغدەك دەلىل-ئىسپاتلارنى بۇ يوسۇندا ئىنكار قىلىشى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا قاراپ تۇرغان ئەھۋالدا ئاق-قارىنى بۇ قەدەر ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش› نامىدا ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.