ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداشلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئەگەشمەكچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.07.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش سېپىگە قوشۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئەمدىلىكتە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بۇ ئەھۋالغا قارىتا «غەرەزلىك ھالدا بىلمەس بولۇۋېلىش» نىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 18-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قارىتىلغان قانۇن لايىھەسى ئىجرا قىلىنىشقا كىرىشكەندىن بۇيان ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭمۇ تېگىشلىك چارىلەرنى قوللىنىشى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. بۇ خىل ھەمكارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن سى لى (Thea Lee) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ھازىر بۇ ئىشلار كېڭيىۋاتىدۇ. كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقىلار مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەمدى بىزگە تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسىدە ‹بۇ ئىشلارغا چاقچاق قىلماڭ› دەيدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىمۇ ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق بولغانلىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسادىرە قىلماقتا ئىكەن. ئەمما قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركەتلىرىدىن ئۈچى ھازىرچە بۇ «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنمىغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي ئويلىشىۋاتقان ئىشلاردىن ئىكەن. سى لى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ «قارا تىزىملىكى» نۆۋەتتە بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.