«گەنفېڭ لىتىي شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا لىتىي قازماقچى بولۇشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەندىشىنى كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.07.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ لىتىي ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بولغان «گەنفېڭ لىتىي شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا لىتىي قېزىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە باشلىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەزكۇر شىركەت BMW ۋە تېسلا (Tesla) شىركىتى قاتارلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى لىتىي بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بلۇمبېرگ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «گەنفېڭ لىتىي شىركىتى» يېقىندا دۆلەت قوللىشىدىكى تارماق شىركەتلەر بىلەن ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا لىتىي، نىكېل ۋە باشقا مۇھىم مېتال بايلىقلىرىنى قېزىشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت گۇرۇھىنىڭ رەئىسى لى لياڭبىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەن ئىكەن.

ھالبۇكى، «گەنفېڭ لىتىي شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا لىتىي قاتارلىق قىممەتلىك كان بايلىقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشى ئەسلىدىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان تېسلا قاتارلىق توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە بولغان دىققەتنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.

مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بولغان «Horizon Advisory» نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئېمىلىي دېلا برۇيىرى خانىم ( (Emily de La Bruyere مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىن چىقىدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىگە كەلتۈرىدىغان خەتىرى ناھايىتى چوڭ. خىتايدىكى بارلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشى ئامېرىكانىڭ قانۇنلىرىغا ۋە يەرشارىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلغان قائىدىلىرىگە خىلاپ بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ شىنجاڭدا توكلۇق ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى داۋاملىق بەرپا قىلىشى خەۋپنى كۈچەيتىپ ماڭىدۇ.»

خىتاينىڭ «گەنفېڭ لىتىي شىركىتى» بلۇمبېرگ گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا «ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ تۈرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىزدىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەپ: «كەلگۈسى تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان تۈرلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس» دېگەن.

تېسلا شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىللىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان، گېرمانىيەنىڭ BMW شىركىتى بولسا قايتۇرغان جاۋابىدا گەنفېڭ شىركىتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئاۋىستىرالىيەدىكى مىنادىن لىتىي بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ھازىرچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پىلانلىرى ھەققىدە ئۆزلىرىگە خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.