ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-08-27
Share

ئامېرىكىدىكى «تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ تورىدا 26-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «شىنجاڭدىكى قىلمىشلارنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەسىلە بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە ئىنكاس قوزغاشقا تۈرتكە بولغان، شۇنداقلا دۆلەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن خەلقئارا سودىنىڭ چوڭقۇر ئالاقىسىنى ھېساپقا ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان.

بىراق ماقالىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا، ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدا مەجۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئ‍ىقتىدارىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «خىتاينىڭ شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قارىتىلغان ئويغىنىش چاقىرىقى دۇنياغا ئاڭلاندىمۇ؟» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ماقالىنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگر قوغداش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ياردەمچى كومىسسارى براندا بروكمان سمىس قەلەمگە ئ‍الغان.

ئۇ ئەمگەكنىڭ سۈيىئىستېمال قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىرىنى سودا شېرىكلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھەركىتى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى، بۇنى كەڭ دائىرىلىك يەر شارى ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئىچىگە يەرلەشتۈرۈشنى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ۋاستىلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تاموژنا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى مېخانىزىمىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ جەھەتتىكى چەكلەش ۋاستىلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئ‍ۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىش كېرەك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت