مەجبۇرى ئەمگەك ئەندىشىلىرىگە قارىماي خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلغان ئېكسپورتى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن

2022.09.23

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئ‍ۇيغۇر رايونىدكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان ئەندىلىشىرىگە قارىماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ياۋروپا ئىتتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قىلغان مەھسۇلات ئېكسپورتى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاستە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە يوللىغان مەھسۇلاتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 136.2 پىرسەنت ئارتقان. خەۋەردە خىتاينىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاستە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتكە يوللىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ 137 مىليون 700 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتى ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان، لېكىن ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسى بەزى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارالغان. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيەلىك سىياسىيون رېيىنھارت بۈتۈكۈفېر، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان ئازابلارنى تۈگىتىشكە «ياردىمى تېگىشىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئېكسپورت مىقدارىدىكى ئارتىش ياۋروپانىڭ مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش تەدبىرلىرىگە قارىتا سۇئال پەيدا قىلغان.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە لىتيۇم-ئىيون باتارىيەسىنىڭ 600 پىرسەنت ئارتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇياش ئېنىرگىيە باتارىيەلىرىنىمۇ ئېكىسپورت قىلىنغانلىقى، بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ گېرمانىيەگە ئەڭ كۆپ يوللانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئومۇمىي ئېكسپورت مەھسۇلاتى جەھەتتە بېلگىيە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بولغان. ئۇنىڭغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلات 34 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يېتىپ، ئ‍ۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 410 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئارتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.