ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-27
Share

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق بىر خىتاي تېخنىكا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتلكەنلىكى ئاشكارلىنىپ، غۇلغۇلا قوزغىدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنولوگىيە شېركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىسسىقلىقنى سېزىش كامېرالىرىنى ئىشلەتمەكتە ئىكەن. خەۋەردە بۇ كامېرالارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ بىنالىرىغا ئورنىتىلغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن بىناغا كىرگۈچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەيكاڭ شېركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەن. خەۋەردە تەكىتلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ كامېرالارنى ئىشلىتىشى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورگاننىڭ سىياسىتىگە زىت ئىكەن. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن تېخى بۇ يىل 6-ئايدا خىتاي بىلەن «كىشىلىك ھوقۇق ۋە تۈپ ئەركىنلىك مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۇرگەن.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى چارلىس مىشەل ئۆتكەن ئاي ب د ت نىڭ يىغىنىدا «بىز كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئالغا سۈرۈشتىن توختاپ قالمايمىز. بۇ ئۇيغۇرلاردەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،» دېگەن. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيەلىك سىياسىيون رېينھارد بۈتىكوفېر خەيكانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ «كىشىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ۋەقە ئەسۋاپ سېتىۋېلىشتىكى «نومۇس قىلارلىق كامچىللىق» نى ئاشكارلاپ بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.