رۇبىئو قاتارلىقلار خەلقئارا مالىيە تەرەققىيات ئورگىنىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى سورىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-05
Share

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماركۇ رۇبىئونى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان 6 نەپەر جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى ئامېرىكا خەلقئارا مالىيە تەرەققىيات ئورگىنىنىڭ باشلىقىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى سېتىۋالغان-سېتىۋالمىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 4-نويابىر كۈنى ئەۋەتىلگەن بۇ خەتتە، «ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك بولۇپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھالقىلىق مۇھىم ۋەزىپىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەتتە كۆرسىتىلىشىچە، مانا بۇ نېمە ئۈچۈن «كېڭەش پالاتاسىنىڭ 7-ئايدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى بىردەك ماقۇللىشى، شۇنداقلا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۆتكەن يىلى بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانۇن لايىھەسىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىشىنىڭ سەۋەبى» ئىكەن. بۇ خەت ئامېرىكا خەلقئارا مالىيە تەرەققىيات ئورگىنىنىڭ مۇۋەققەت ئىجرائىيە دىرېكتورى دېۋ جاگادېرسانغا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ماركۇ رۇبىئو، سام تىللىس، رىك سكوت، مارشا بلەكبورىن، بېن ساسې، جەرىي موران قاتارلىقلار ئىمزا قويغان.

خەتتە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقۇن مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، مەزكۇر ئورگان قۇياش ئېنېرگىيە تېخنىكىسى شىركەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلىنىڭ ش ئۇ ئا ر ياكى خىتاينىڭ ھەرقانداق جايىدىكى كرىمنىي مېتالى ياكى كۆپ كرىستاللىق كرىمنېينى ئۆز ئ‍ىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىپ قالماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىغا چۈشۈنچە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت