شىۋېتسىيەنىڭ ئېرىكسون شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.11.09

يېڭى ئاشكارىلانغان دەلىللەر شىۋېتسىيە تور ۋە تېلېفون شىركىتى-ئېرىكسوننىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر خىتاي شىركىتى بىلەن سودا-ئالاقىسى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شىۋېتسىيەدىكى «گوتتېنبۇرگ تىدنىنگېن» ناملىق گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر گېزىت ئېرىكسوننىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىۋاتقان ۋۇخەندىكى بىر خىتاي شىركىتى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىگە ئائىت ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە، بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ ئىسمى تىلغان ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 2020-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇنىڭ 105 نەپەر ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان شىركەتنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئورنى ئۆز دوكلاتىدا، 2018-يىلى 5-ئايدا كېرىيەدىن 105 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ۋۇخەندىكى «يىخوڭ ئىنچىكىلەپ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» گە مەجبۇرىي يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ دوكلات ئوخشاشلا H&Mناملىق شىۋېتسىيە شىركىتىنىڭمۇ بۇ كارخانا بىلەن سودا ئالاقىسى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. بىراق H&Mبۇ شىركەت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ كارخانىدىكى ئۇيغۇرلارغا مائاش بېرىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى شارائىتى قۇللاردىن پەرقلەنمەيدىكەن. خەۋەردە ئۇلارنىڭ چوڭ زالدا ئۇخلايدىغانلىقى، سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىزچىل نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇپ، جىسمانىي جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارغا كەچتە «ئىدېئولوگىيەلىك تەربىيەسى» ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئېرىكسون شىركىتى «گوتتېنبۇرگ تىدنىنگېن» غا ئەۋەتكەن يازما ئىنكاسىدا، بۇ شىركەت بىلەن ھازىر ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.