جېيمىس مەكگوۋېرىن: «‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نى پات يېقىندا پرېزىدېنت بايدىنغا يوللايمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-12-14
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لھيىھەسى» نى ئاۋازغا قويۇش باسقۇچى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى بىردەك مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلە ئۇنى ماقۇللىغان ئىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم قەدەم ئىككى پالاتا ئەزالىرىنىڭ بۇنى مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچى جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرى كېڭەش ئارقىلىق بىر يەرگە جەم قىلىنىدىكەن.

14-دېكابىر كۈنى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىدىن جېيمىس مەكگوۋېرن ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ: «شۇنى خوشاللىق بىلەن مەلۇم قىلىمەنكى، ماركو رۇبىيو ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نىڭ ئاخىرىقى نۇسخاسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق. بىز پات يېقىندا بۇنى پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئۈستىلىگە قويىمىز،» دېگەن.

ئامېرىكانىڭ قانۇن چىقىرىش تەرتىپى بويىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان نۇسخاسى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا جاۋابكار بولغان مۇئەسسەسەلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. قانۇن لايىھەسى ئىككى پالاتانىڭ ئاخىرىقى مۇزاكىرە باسقۇچىدىن ئۆتۈپ پىكىر ئىختىلاپلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا يوللىنىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن قانۇنغا ئايلىنىدىكەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭ پات ئارىدا ئەمەلگە ئېشىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت