ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە قانۇنىمۇ ھەربىيلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 15-دېكابىر ئاۋاز بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 770 مىليارد دوللارلىق 2022-يىللىق مۇداپىئە خام چوت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن. كېڭەش پالاتاسى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى شۇ كۈنى ئاۋام پالاتاسىدىمۇ مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.
پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشىغا يوللىنىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىشدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئاۋام پالاتاسى بىردەك ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن قانۇن» نىڭ ئاخىرقى لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو 14-دېكابىر بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئۇنىڭ پات يېقىندا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، قانۇنغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مۇداپىئە قانۇن لايىھەسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىكەن.
بۇ قانۇن لايىھىسى يەنە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسلىق رەقىبلىرىگە قارشى بەلگىلىمىلەرنى، جۈملىدىن مەزكۇر رايوندا خىتايغا قارشى ھەيۋىسىنى كۈچەيتىشكە ئائىت 7 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە خام چوتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قانۇن لايىھەسىدە پرېزىدېنت بايدېننىڭ «خىتايغا ئالاقىدار «تۈپ ئستراتېگىيە» تۈزۈپ چىقىشى، شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ تېخنولوگىيە ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشىدىن تارتىپ بىخەتەرلىك ھەم ھەربىي تەرەققىياتىغىچە بولغان ھەرىكەتلىرىنى دوكلات قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.