«ئاكسىيوس» خەۋىرى: «مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش ئامېرىكا فېدېراتسىيە قانۇنىغا خىلاپ»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-07-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئاكسىيوس» (Axios) خەۋەر تورىنىڭ 1-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادىكى داڭلىق «كەت» شىركىتىنىڭ خىتايدىكى كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى شىركەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پروگراممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پىلانى ئىكەن.

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇيغۇرلارنى نىشانلىق ھالدا مەجبۇرى يۆتكىشىنى «مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ئەيىبلىمەكتە.

خەۋەردە يەنە خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كېرىشىنى چەكلەش كېرەكلىكى، چۈنكى بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش ئامېرىكا فېدېراتسىيە قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت