خىتاي مەكىت ناھىيەسىدىن 1025 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى «ئىشلەمچى»نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.01.13

خىتاي ھۆكۈمىتى «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 10‏-يانۋار كۈنى مەكىت ناھىيەسىدىن 1025 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى خىتاينىڭ شەندوڭ، لياۋنىڭ، جېجياڭ قاتارلىق 8 ئۆلكىسىدىكى زاۋۇت -كارخانىلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكىگەن. بۇ ، 2020‏-يىلى كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر ناھىيەسىدىنلا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر ئىشلەمچىنىڭ يۆتكىلىشىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يۆتكەپ، خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئىشلەمچى» دېگەن نامدا زور  تۈركۈملەپ يۆتكىلىشى دىققەت قوزغايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىدە ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىز قېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئانا تىلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن بولغان بېغىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.  دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە 2018- ۋە 2019‏-يىللىرى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەشتە رېكورت ياراتقانلىقى، بۇ مەزگىل ئىچىدە رايوندىكى  22 ناھىيەدىن 140 مىڭ ئىشلەمچىنى يۆتكەپ، 3 يىللىق پىلاننى بىر يىل بۇرۇن ئورۇندىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 13‏-يانۋار ئاشكارلىشىچە، مەكىت ناھىيەلىك پارتكومنىڭ پىلانى بۇ يىل ئىچىدە مەزكۇر ناھىيەدىن  ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە رايون ئىچىگە 5000 ئۇيغۇر ياشنى يۆتكەش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى » نامىدىكى ئورۇنلاردا دۆلەت تىلى، قانۇن ۋە كەسپىي تەربىيە ئېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ لاگىردىكى تۇتقۇنلارنى زاۋۇت -كارخانىلارغا يۆتكەپ، مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى،  بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى بىلەن بولغان بېغىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.