ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماركسىزمنى ياشلارنىڭ «مېڭىسى ۋە قەلبى» گە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى باشلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماركسىزمنى ياشلارنىڭ «مېڭىسى ۋە قەلبى» گە چوڭقۇر ئورۇنلاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەت قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلىنىپ بولغان. خەۋەرلەردە، بۇ ھەرىكەتنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى، «كومپارتىيە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا «ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە بازىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ياشلارنىڭ مېڭىسى ۋە قەلبىگە قۇيۇش» ئىكەن.

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى سۈن يۆخوڭ «شىنجاڭ گېزىتى» گە قىلغان مەزكۇر ھەرىكەت ھەققىدىكى سۆزىدە، «شۇڭا، بىز يۈرەكلىك بىلەن بەزى ئوقۇتۇش مېتودلىرىنى ياراتتۇق» دېگەن. ئەمما ئۇ «بۇ يۈرەكلىك ئوقۇتۇش مېتودلىرى» نىڭ قانداق مېتود ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ دائىرىلەر ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشى، ھەج قىلىشى، نىكاھ ئوقۇشى، مېيىت نامىزى چۈشۈرۈشى، ھالا قائىدىسى ۋە باشقا ھەرقانداق دىنىي ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈشكە قىستاۋاتقان مەزگىلدە باشلىنىشى دىققەت قوزغايدىكەن.

ئۇلار خىتاينىڭ ماركسىزمنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت پەرقىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى «پۈتۈنلەي توغرا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ، پارتىيە ئەزالىرى ماركسنىڭ نەزەرىيەسىنى بىر خىل «تۇرمۇش يولى ۋە مەنىۋى قىبلىنامە، دەپ قارىشى كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت