خىتاي دائىرىلىرى روزا ھېيت نامىزى ھارپىسىدا مەسچىتلەرنى 24 سائەت كۆزىتىشنى يولغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى روزا ھېيت ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىكنى قاتتىق كۈچەيتىپ، مەسچىتلەردە 24 سائەت تەقىب قىلىش يولغا قويۇلغان.

مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت نامىزى 15‏-ئىيۇن كۈنى ئوقۇلىدۇ. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» خەۋەر بېرىپ، ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ گۇئاڭجۇ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى مەسچىتلەر خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە دىنىي ئىشلار دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باياناتچىسى جىن رۇبىن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تەقىبنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئاقلاپ، «روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر مەسچىت ۋە ئاممىۋى سورۇنلارغا توپلىنىدۇ. شۇڭا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش زۆرۈر» دېگەن. خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ ۋېيچۈن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەزى ئۆلكىلەردىكى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەسچىتلەرنىڭ ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاي دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 1‏-ئىيۇن چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ كىنىشكا ئېلىشى كېرەكلىكى، كىنىشكىنى ناھىيە دەرىجىلىك ئورگاننىڭ تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ بەلگىلىمە كىشىلەرنىڭ ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىغا تېخىمۇ چوڭ توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر رايونى بۇ يىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەملىك قاماش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان 2‏-قېتىم روزا ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ. ئۆتكەن يىلقى رامىزاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسچىتلەرنى نازارەت قىلىشى، نۇرغۇن كىشىنى لاگېرلارغا قامىشى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىشى روزا تۇتقانلار ھەم روزا ھېيت نامىزىغا قاتناشقانلار زور دەرىجىدە ئازايغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت