خىتاي قاراقاش ناھىيەسىدىكى پۈتۈن مەسچىتلەرگە يۈز تونۇش ئاپپاراتى ئورناتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.07.17

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى پۈتۈن مەسچىتلەرگە يۈز تونۇش ئاپپاراتى ئورنىتىدىغانلىقى ۋە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خەيكاڭ(Hicvision) تېخنولوگىيە شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىگىتال بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇشىغا ياردەملىشىپ، زور پايدىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى IPVM ناملىق بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى نازارەت قىلىش ئورنىنىڭ ئېنىقلىشىچە، قاراقاش ناھىيەسى بۇ ناھىيەدىكى 967 مەسچىت ۋە دىنىي سورۇنغا يۈز تونۇش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاپ، بۇ قۇرۇلۇشنى خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەرگە ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم قوشۇمچە يۈز تونۇش ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

خەيكاڭ شىركىتى 2017‏-يىلى قاراقاش ناھىيەسى بىلەن46 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش توختامى ئىمزالىغان. مەزكۇر شىركەت 2016‏-يىلى خىتاينىڭ داخۇا ناملىق يەنە بىر تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر مىليارد 200 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش توختامىغا ئېرىشكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ئىلگىرى خەيكاڭ شىركىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ دىگىتال بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. IPVM نىڭ دەلىللىشىچە، 967 دانە يۈز تونۇش ئاپپاراتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى ھەر بىر مەسچىتنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە يەنە، بۇنىڭغا قوشۇمچە ھەر قايسى مەسچىتلەرگە يەنە 180 گرادۇسلۇق 840 دانە رەڭلىك كامېرا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭمۇ خەيكاڭ شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە قاراقاشتىكى 967 مەسچىتنىڭ ھەر بىرىگە 5 كامېرا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، جەمئىي 4338 كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغانئىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەيكاڭ شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى» گە ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.