شىخۇنىڭ 84 تۈتۈن بازىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چېقىپ تاشلانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىخۇ شەھىرىنىڭ 84 تۈتۈن (باشىسىخۇ) بازىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. «زىمىنتان» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، شىخۇ شەھىرىنىڭ 84 تۈتۈن بازىرىدىكى 14 مەسچىتنىڭ 13 ئى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە چېقىپ تاشلانغان. خەۋەردە 84 تۈتۈن بازىرىنىڭ چېنجياجۇاڭ ئاھالىلەر رايونىدىكى بىرلا مەسچىتنىڭ ساقلاپ قېلىنغانلىقى ۋە شۇنداقلا مەسچىتنىڭ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە مەزكۇر بازاردىكى مەسچىتلەرنى چېقىش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان «دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش يېڭى نىزامى» بۇ يىل 2‏-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە 84 تۈتۈن بازىرىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھازىر مۇسۇلمانلار مەزكۇر مەسچىتكە كىملىك كارتىسىنى سۈركەپ كىرىدىكەن. ھەر جۈمە نامىزىنى يەرلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە ج خ ئىدارىسىنىڭ 9 نەپەر خادىمى نازارەت قىلىدىكەن.

يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ «زىمىنتان» تور ژۇرنىلىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا مەسچىت ئىمامىنىڭ جۈمە نامىزىغا «قۇرئان كەرىم» كۆتۈرۈپ كىرىشى ۋە «قۇرئان» ئايەتلىرىنى تەبلىغ قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئىمامنىڭ ھەر جۈمە نامىزىدا يەرلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمى تەييارلاپ بەرگەن ماتېرىيالنى تەبلىغ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يەنە بۇ يىل باھار ئايلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇن مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسچىتلەرگە خىتاي بايرىقىنى ئېسىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، قەپ قالغان مەسچىتلەردە «سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋزەللىكى» تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەرنى چېقىش ھەرىكىتى يېقىندىن بېرى يەنە گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا كېڭەيگەن. لېكىن بۇ ئەھۋال بەزى رايونلاردا تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 10‏-ئاۋغۇست كۈنى نىڭشيا ئاپتونوم رايونىدا تۇڭگانلارنىڭ مەسچىت چېقىشقا قارشى زور كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى پارتلىغان. شۇ كۈنى نىڭشيادىكى ۋېيجو مەسچىتىدە جۈمە نامىزىغا توپلانغان مىڭلىغان تۇڭگانلار بۇ مەسچىتنى چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت