خىتاي دائىرىلىرى ئىلى ئوبلاستىدا كادىرلارنى مەسىلە تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.25

يېقىندا ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كادىرلارنىڭ «مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتى» قوزغاپ، كادىرلارنىڭ بۇرۇن سادىر قىلغان مەسىلىلىرىنى مەجبۇرىي تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ، ئەگەر تاپشۇرمىغانلار بايقىلىپ قالسا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىغان.

خىتايدا تارقىتىلىدىغان «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر «يۇقىرى بېسىم بىلەن ھەيۋە قىلىش ۋە سىياسىي تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق» نەچچە مىڭ كادىرنى مەسىلە تاپشۇرغۇزغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قوللانغان. 2017‏-يىلى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەسىلە تاپشۇرۇشقا قىستاپ، ئۇلارغا ئارخىپ تۇرغۇزغان.

ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن ناماز ئوقۇغانلىقى، بالىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىشىنى چەكلىگەنلىكى ياكى باشقىلارغا دىنىي تېمىلاردا سۆز قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان نۇرغۇن دېھقانلار 2017‏-يىلدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى لاگېرلارغا قامالغان ئىدى.

«جۇڭگو خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم بۇ قېتىم قوزغىغان كادىرلارنىڭ مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىدە 6897 ۋەقەگە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، 5585 كادىرغا ئىنتىزام جازاسى ۋە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن. 119 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

خەۋەردە، يۇقىرى بېسىمدا ھەيۋە قىلىش، سىياسىي تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق «ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، ۋەزىپىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە مەمۇرىي خادىملارنىڭ ئاكتىپ مەسىلە تاپشۇرۇشى، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ئېرىشىشكە رىغبەرلەندۈرۈلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. لېكىن خەۋەردە، بۇ كادىرلارنىڭ قانداق «خاتالىقلار» نى سادىر قىلغانلىقى ۋە كونكرېت قانداق مەسىلىلەرنى تاپشۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىلى ئوبلاستلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر كادىرى مەسىلە تاپشۇرۇپ، «ئۆزىنىڭ بۇرۇن تەلەي سىناپ بېقىش روھىي ھالىتىدە بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ كادىرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مەسىلە تاپشۇرۇش، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈپ، مەسىلىسىنىڭ ھامان ئاشكارىلىنىدىغانلىقى، شۇڭا مەسىلىنى تەشكىلگە ئېنىق ئېيتىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەت قېلىپ قالغان ئاخىرقى تۈركۈمدىكى يەرلىك كادىرلارنى جازالاش ۋە ئۇلارنى ھۆكۈمەت، پارتىيە ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.