خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىغا ئائىت ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.11.19

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا ئائىت 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن داۋاملىق زور ئىنكاس قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەمدى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئائىت ئاشكارىلانغان بۇ ھۆججەت ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ تەبىئىتى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتىنىڭ تولۇق نامايان بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتتىكى سۆزىدە: «ئەمدى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈتنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىر باھانە قالمىدى. بۇ ھۆججەتلەر ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمى تەرىپىدىن ئالدىن لايىھەلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا يەنە، مەزكۇر ھۆججەتتىكى مەزمۇنلارنىڭ خىتاينىڭ خەلقئاراغا قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى ۋە خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى ئەمەلىي قەدەم تاشلاشقا چاقىرغان. ئۇلار، خىتايغا قويۇلىدىغان جازا تەدبىرلىرى، خىتاي ماللىرىغا قويۇلىدىغان چەكلىمە ۋە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ بۇ تەدبىرلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى غوللۇق ئەزا، كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر رەئىسى مىتچ ماككونېل 18-نويابىر كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە يۇقىرىدىكى بۇ ھۆججەت توغرىسىدا توختالغان. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسەتلىرى ئىنتايىن پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق» دېگەن ۋە ئۇنى «قورقۇنچلۇق» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە ھازىرقى پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىنمۇ 18-نويابىر كۈنى تىۋىتتىر ئۇچۇرى ئارقىلىق مەزكۇر ھۆججەتلەرگە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليون ئەتراپىدا كىشىنى لاگېرغا قامىشى بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدۇر. ئامېرىكا بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.