مىكروسوفت لىنكېدئىن (LinkedIn) ئالاقە سۇپىسىنىڭ خىتايدىكى مەشغۇلاتىنى توختاتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-10-15
Share

ئامېرىكىنىڭ مىكروسوفت شىركىتى لىنكېدئىن ‍ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتقان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىنكېدئىننىڭ تاقىلىشىغا خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىشنىڭ كۈنسېرى قىيىنلىشىشى سەۋەب بولغان. مەزكۇر ئ‍جتىىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر يېزىپ، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى پاش قىلغان ياكى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ، پارىخورلۇق، چېرىكلىككە دائىر ۋەقەلىرىنى ئاشكارىلىغان بەزى ژۇرنالىستلارنىڭ ھېسابىنى چەكلىشى ‍ئىختىلاپ پەيدا قىلغان بىر ۋاقىتتا خىتايدىكى مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاقىغان.

لىنكېدئىننىڭ ئىلگىرى بەزى ژۇرنالىستلارنى چەكلەپلا قالماي، بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ياكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تالاش-تارتىش قىلغان بەزى ئۇيغۇر تور ئابۇنتلىرىنىمۇ چەكلىگەنلىكى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، لىنكېدئىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتايدىكى مۇلازىمىتىنىڭ پەقەت ئىشقا تونۇشتۇرۇش سۇپىسىنىلا ئوچۇق قويىدىكەن. خەۋەردە، بۇنىڭ پىكىر يېزىش، ماقالە ھەمبەھىرلەش ياكى يوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، لىكېدئىننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى موخاك شېروگ، «بىز خىتايدا تېخىمۇ خىرىسقا تولغان مۇلازىمەت مۇھىتى ۋە تېخىمۇ چوڭ ماسلىشىش تەلەپلىرىگە دۇچ كەلدۇق» دېگەن. لىنكېدئىن خىتايدا مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلغان بىردىن-بىر غەرب ‍ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولۇپ، 2014-يىلى مۇلازىمەت باشلىغان بۇ سۇپا خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىشقا قوشۇلغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت ئىلگىرى لىنكېدئىننى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى «خىتاي كومپارتىيەسىگە قىلىنغان ئېغىر خۇشامەتچىلىك ۋە تەسلىمچىلىك» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت