«مىكروسوفت» تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشىدا ئىشلىتىلگەن بولۇشى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.12

«مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ خىتايدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان تەتقىقات تېمىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى نازارەت ۋە تەقىب قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ۋە جىددىي غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە قاراشلىق بولغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاز دېگەندە 3 تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە ھەمكارلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ۋەقە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تەقىب سىستېمىسىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولۇش مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەمكارلىق تۈرلىرى يۈز تونۇش ۋە ئۇنى ئانالىز قىلىش شۇنداقلا كومپيۇتېردا گرامماتىكىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق توردىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش قاتارلىق بىر قانچە خىل سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكادىكى مېركاتور تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېلېنا لېگاردا فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە «خىتاينىڭ يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تېخنىكىلارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى» دېگەن. ئۇ يەنە بۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلارنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى تېخنىكا جەھەتتىن زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇلارنىڭ 2049-يىلىغىچە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئارمىيە بولۇش نىشانىغا يېتىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مىكروسوفت شىركىتى بۇ ھەقتە ئاخباراتلارغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايغا گېن ئۇچۇرىنى رەتلەش ئۈسكۈنىسى سېتىپ بەرگەن تېرمو فىشىر شىركىتىنىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپلىگەن ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقلىرىغا قارىتا دۆلەت كونتروللۇقىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىدە مانا بۇ مەسىلە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.